مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «2020-يىللىق مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى»نى بېسىپ تارقاتتى

2020.07.06 17:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «2020-يىللىق مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «مۇھىم نۇقتا» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، مەملىكەت بويىچە مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاشنىڭ يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «مۇھىم نۇقتا»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىللىق مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش نىزامى»نى توغرا ئىجرا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئاشكارىلاش ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاشكارىلاش ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان، ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ