مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى رەسمىي قۇرۇلدى

لىن جېڭ يۆئې كومىتېتنىڭ رەئىسى بولدى

2020.07.06 17:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى 3-ئىيۇل مۇنۇلارنى جاكارلىدى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش قانۇنى»نىڭ 12-ماددىسىغا ئاساسەن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش كومىتېتى تەسىس قىلدى.

  شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىغا باش مەمۇر لىن جېڭ يۆئې رەئىس بولدى، كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت مەمۇرىي ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جيەنزۇڭ، مالىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى چېن ماۋبو، قانۇن مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جېڭ روخۇا، ئامانلىق ساقلاش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى جياچاۋ، ساقچى ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى دېڭ بىڭچياڭ، ساقچى ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (دۆلەت بىخەتەرلىكى) ليۇ سىخۇي، چېگرادىن كىرىش ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى چۈ جياخۇڭ، شياڭگاڭ تاموژنىسىنىڭ باشلىقى دېڭ يىخەي ۋە باش مەمۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن گوجى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چېن گوجى بىرلا ۋاقىتتا ئالاھىدە رايون دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى بولدى.

  شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى شياڭگاڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنىڭ 15- ماددىسى بويىچە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى تەسىس قىلدى، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى تەيىنلىگەن لو خۇينىڭ كومىتېتنىڭ مەسلىھەتچىسى بولدى، لو خۇينىڭ ھەمدە ئالاھىدە رايون دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. لىنجېڭ يۆئې بۇنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە گوۋۇيۈەننىڭ 3-ئىيۇن مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىشىنى قارشى ئالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ