مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىرىنچى پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كرېدىت جەمئىي 444 مىليارد 350 مىليون يۈەن تارقىتىلدى

2020.07.06 17:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق بانكىسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن ئىبارەت تۆت تارماق بىرلىكتە «نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىتكە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىتنى قوللاش ئوبيېكتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، قايتا نامراتلىشىشنى كۆزىتىش ئوبيېكتلىرى ئىچىدىكى كەسىپ تەرەققىيات شارائىتىنى ھازىرلىغان ۋە ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە چەتتە قالغان نوپۇسلارنى نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىتنى قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە قەرز قايتۇرۇش قىيىن بولغان نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز قايتۇرۇش مۇددىتىنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ، قەرەلى توشۇش كۈنى 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن بولغان (داۋاملىق قەرز بېرىش، ئۇزارتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە قەرز قايتۇرۇش قىيىن بولغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىتىگە قارىتا، قەرز قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىپ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىك ئاساسىدا، قەرز قايتۇرۇش مۇددىتى 2021- يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىلىدۇ.

  نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىتى بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق بانكىسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى 2014-يىلى بىرلىشىپ يولغا قويغان، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامراتلارنى دەل جايىدا قوللاشتىكى نامراتلارنى يۆلەش كىرېدىت مەھسۇلاتىدۇر. 2020-يىلى 1-پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىتى جەمئىي 444 مىليارد 350 مىليون يۈەن تارقىتىلىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن جەمئىي 10 مىليون 678 مىڭ 100 نامرات ئائىلە (قېتىم) گە مەدەت بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ