تيەنجىن: مەخسۇس تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى

2020.07.06 16:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 4- كۈنى، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر تەكلىپ قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا ئىش ئورنى ئۇچۇرىنى ئىگىلىدى.

  شۇ كۈنى 7- نۆۋەتلىك چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرلەر بىرلەشمە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى (تيەنجىن) مەخسۇس تەكلىپ قىلىش يىغىنى تيەنجىندىكى ئادەم كۈچى بايلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىدا، 152 كارخانا 3000دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ