مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەت بويىچە مۈشۈكئېيىق دۆلەت باغچىسىنىڭ تۇنجى سوتى قۇرۇلدى

2020.07.06 16:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مۈشۈكئېيىق دۆلەت باغچىسىنىڭ ۋولۇڭ سوتى ۋېنچۈەن ۋولۇڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا قۇرۇلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ، مەملىكەت بويىچە مۈشۈكئېيىق دۆلەت باغچىسىنىڭ تۇنجى سوتى بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى سىچۈەن سوت مەھكىمىسىنىڭ مۈشۈكئېيىق دۆلەت باغچىسىغا ئالاقىدار ئەدلىيەلىك قوغداش خىزمىتىنىڭ يېڭى رامكىسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

  سىچۇەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مەھكىمە باشلىقى ۋاڭ شۇجياڭ، جۇڭگو مۈشۈكئېيىقنى قوغداش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ خەيچىڭ، مۈشۈكئېيىق دۆلەت باغچىسى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۈەن جاۋگاڭ قاتارلىقلار مۈشۈكئېيىق دۆلەت باغچىسىنىڭ ۋولۇڭ سوتىنىڭ يوپۇقىنى بىرلىكتە ئاچتى. يوپۇقنى ئېچىش مۇراسىمىدا، ۋاڭ شۇجياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۈشۈكئېيىق دۆلەت باغچىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش بوشلۇقى، ئېكولوگىيە بوشلۇقى، تۇرمۇش بوشلۇقىنىڭ قايتىدىن ئېنىقلىمىسى ۋە قاتلىنىشى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ زور مىقداردىكى يېڭى قانۇن يۈرگۈزۈش ئېھتىياجى پەيدا بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ قانۇن يۈرگۈزۈش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ؛ مۈشۈكئېيىق دۆلەت باغچىسىنىڭ ۋولۇڭ سوتى تەسىس قىلىنىپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەرنى قوغداش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، كاڭياڭ-ۋېنچۈەن ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ماس كېلىدىغان ئەدلىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەرنى ئەدلىيەلىك قوغداشنى كۈچەيتىشتىكى جىددىي ئېھتىياخدۇر، شۇنداقلا قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتتۇر.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ