شىزاڭ ناگرى گۈنسا ئايرودرومى قاتناش باشلانغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى

2020.07.02 17:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 1- كۈنى، ناگرى گۈنسا ئايرودۇرۇمىنىڭ يەر يۈزى خىزمەتچىلىرى ئايروپىلان گۇرۇپپىسىغا خادا ۋە گۈل تەقدىم قىلدى. 7- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 9 دىن 52 مىنۇت ئۆتكەندە، شىزاڭ ئاۋىئاتسىيەسى TV6008 يولوچىلار ئايروپىلانى ناگرى گۈنسا ئايرودرومىغا قوندى، شۇنىڭ بىلەن شىزاڭ ناگرى گۈنسا ئايرودرومى قاتناش باشلانغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى. دېمەك، 2010- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى ناگرى گۈنسا ئايرودرومىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تەبىئىي توساق تۈز يولغا ئۆزگەردى. قاتناش باشلانغان 10 يىلدا، ناگرى گۈنسا ئايرودرومىدا نۆۋەتچى ئايرۇپىلانلارنىڭ ئۇچۇش-قونۇشىنىڭ 7169 قېتىمغا يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىپ، 491 مىڭ 367 ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلۇپ، توشۇش ماددىي ئەشيالىرى 365 توننىغا يەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ