شاڭخەيدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار 1-قۇرۇلتاي يىغىن ئورنىدا «1-ئىيۇل» پارتىيە بايرىمىنى كۈتۈۋالدى

2020.06.30 17:41 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى پائالىيەت جەريانىدا پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئەسلىدى.

  شۇ كۈنى، «يېڭى دەۋردىكى جاۋاب بەرگۈچى − شاڭخەي شەھەرلىك مائارىپ سىستېمىسىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئاساسىي تېما پائالىيىتى» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1- قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى. فۇدەن داشۆسى، تۇڭجى داشۆسى، شاڭخەي جيەنچياۋ شۆيۈەنى، شاڭخەي شەھىرى ساۋياڭ 2-ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىق سەككىز مەكتەپتىن كەلگەن 200دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى ۋەكىللىرى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، كۆرۈنۈشلۈك بايان قىلىش، نەقمەيداندا ئوقۇتۇش، كوللېكتىپ دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، شاڭخەيدىكى كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ