مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى يۇقۇم سەۋەبلىك يېڭىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش يۈز بېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

2020.06.30 17:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-ئىيۇن مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 10 تارماق يېقىندا بىرلىشىپ تارقاتقان «ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: بەدەن سەۋەبىدىن ئۆگىنىش شارائىتىنى ھازىرلىمىغاندىن سىرت، نامرات ئائىلىلەردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇشسىز قالماسلىقى، ئوقۇشتىن توختاپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، 2020-يىلى مەملىكەت بويىچە توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى مۇستەھكەملەش نىسبىتىنى %95كە يەتكۈزۈش كېرەك. يۇقۇم سەۋەبلىك يېڭىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش يۈز بېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  مەجبۇرىيەت مائارىپىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش − مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى، شۇنداقلا «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» تۆۋەن چەك نىشانىنىڭ بىرى بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈنۈمى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنىڭ ساپلىقىغا مۇناسىۋەتلىكدۇر.

  پىكىردە قايتا ئوقۇشقا كىرگەن ۋە ھېلىھەم ئوقۇشتىن توختاپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، بىر ئادەمگە بىر خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ، نەسىھەت قىلىپ قايتۇرۇش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئائىلىلەردىكى ئوقۇشتىن توختاپ قالغان ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدە مەكتەپكە تولۇق قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ