مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20- قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنى لايىھەسى قاتارلىق بىر قاتار لايىھەلەر داۋاملىق قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. بولۇپمۇ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى (11)، مەمۇرىي جازا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، سانلىق مەلۇمات بىخەتەلىكى لايىھەسى قاتارلىق لايىھەلەر تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىنغا لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.06.29 17:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20- قېتىملىق يىغىنى 28- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 1- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، يىغىنغا كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېتنى تەشكىل قىلغۇچى كىشىلەردىن 161 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن بولدى.

  يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى شېن چۈنياۋنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا، ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى جياڭ بىشىننىڭ پاتېنت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھىنىڭ 2- قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىغا مەھسۇلاتنىڭ قىسمەن تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسىنى پاتېنت جەھەتتىن قوغداش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە قوشۇلدى، مۈلۈك ھوقۇقىنى رىغبەتلەندۈرۈش، پاتېنتنى ئېچىۋېتىش ئىجازىتى، پاتېنتنى قوغداش ۋە پاتېنت ماجىراسىنى ھەل قىلىش مېخانىزمىغا دائىر بەلگىلىمىلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  يىغىندا، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى جۇ گۇاڭچۈەننىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنىنى تۈزىتىش لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2- قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك بۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى تۈزەش كۈچەيتىلدى، ئائىلە، مەكتەپ، تور مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت قىلغۇچىلارنىڭ تور قوغداش مەسئۇلىيىتى ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى قاتارلىقلار كۈچەيتىلدى.

  يىغىندا، ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى خۇ كېمىڭنىڭ ئېكسپورتنى باشقۇرۇش قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھىنىڭ 2- قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا ۋاقىتلىق باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش مۇددىتى توشقاندا قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، تىزگىنلىنىدىغان ئالاقىدار بۇيۇملارنى ئېكسپورت قىلىش ئىجازىتىگە بىرىكتۈرۈلۈپ، تىزگىنلىنىدىغان بۇيۇملارنى ئەڭ ئاخىرقى ئىشلەتكۈچىلەر ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئىشلىتىش ئورنىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، تاموژنىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇق دائىرىسى قاتارلىقلار يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ