خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن يېڭى پارتىيە ئەزالىرى خېبېي شىبەيپودا پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى

2020.06.29 17:12 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 28-ئىيۇن، خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرى پىڭشەن ناھىيەسى شىبەيپودىكى 7-نۆۋەتلىك 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ كونا ئورنىدا، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن شىجياجۇاڭ شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىكى 12 نەپەر يېڭى پارتىيە ئەزاسى پىشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى بىلەن بىللە پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى.

  شۇ كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىكى 12 نەپەر يېڭى پارتىيە ئەزاسى ئىنقىلابنىڭ مۇقەددەس جايى شىبەيپوغا كېلىپ، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتناشقان تېببىي خادىملار بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ۋۇخەن شەھەرلىك 7-دوختۇرخانا، جىنيىنتەن دوختۇرخانىسى قاتارلىق دوختۇرخانىلاردا خىزمەت قىلغان، ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، بۇ يىل 3-ئايدا ۋۇخەندىكى يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سېپىدە پارتىيەگە كىرگەن. بۇ يېڭى پارتىيە ئەزالىرى بىردەك بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى بولۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ