مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى يۈچۈەن شەرقىي بازىرى ئەتراپىدىكى 10 مەھەللە يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى بىكار قىلدى

2020.06.29 17:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرى خەيدىيەن رايونى ئاخبارات ئېلان قىلىش سۇپىسى ھۆكۈمەت تەرەپ بۈگۈن سەھەردە مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 15- ئىيۇن سائەت 0دىن باشلاپ، بېيجىڭ شەھىرى خەيدىيەن رايونى يۈچۈەن شەرقىي تاۋار سودا بازىرى ئەتراپىدىكى 10 مەھەللە رەسمىي قامال قىلىپ كونترول قىلىنغان ئىدى. يۇقىرىقى مەھەللىلەردە 14 كۈن يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش مەزگىلىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەل كۆرۈلمىگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەمدە ئىلمىي، توغرا ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش پىرىنسىپى بويىچە، ھەم شۇنداقلا شەھەرلىك ئالاقىدار تارماقلارغا يوللاش ئارقىلىق، خەيدىيەن رايونى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مۇنۇلارنى قارار قىلدى: 29- ئىيۇن سائەت 0 دىن باشلاپ، يۈچۈەن شەرقىي تاۋار سودا بازىرى ئەتراپىدىكى 10 مەھەللىنىڭ يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلۇشىنى بىكار قىلىش، ئەمما باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يەنىلا يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشقا تەڭشەش، ھەمدە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىنكاس دەرىجىسى ئاستىدا، ھەم شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان خەۋپ-خەتەر دەرىجىسىدىكى كوچىلاردىكى مەھەللىلەرنى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش تەلىپى بويىچە ئىجرا قىلىش كېرەك، بىر قىسىم خادىملارنى يەنىلا تەلەپ بويىچە ئۆيلىرىدە ئايرىۋېتىپ توختىتىپ كۆزىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ