مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى زاپاس قىسىملارنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى قارارنى تارقاتتى

2020.06.29 17:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «زاپاس قىسىملارنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى قارار» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قارار» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. «قارار» دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: زاپاس قىسىم 2020- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ ئارمىيە رەھبەرلىك قوماندانلىق سىستېمىسىغا ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزۈلىدۇ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ قوش رەھبەرلىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىكىگە تەڭشىلىدۇ.

  «قارار»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: زاپاس قىسىم بولسا، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تەركىبىي قىسمىدۇر. شۇڭا، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4- ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيىسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىك تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئارمىيىسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئارمىيە ئارمىيەدۇر، ساقچى ساقچىدۇر، خەلق-خەلقتۇر، دېگەن پرىنسىپ بويىچە، زاپاس قىسىملارنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى تەڭشەش كېرەك.

  «قارار»دا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار بويىچە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، زاپاس قىسىم قۇرۇلۇشىنى قوللاش كېرەك. ئارمىيە بىلەن يەرلىكتىكى ئالاقىدار ئورۇنلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پائال تۈردە ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ھەمدە زىچ ماسلىشىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ، زاپاس قىسىمنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇقىم ئۆزگەرتىپ، تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ