مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى 1 مىليارد 350 مىليون ئادەمنى قاپلىدى

دوختۇرخانىدا يېتىش ھەققىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى %60تىن ئاشتى

2020.06.28 17:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى «2019- يىللىق مەملىكەتلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىشلىرى تەرەققىياتى ئىستاتىستىكا ئاخباراتى»نى ئېلان قىلدى. ئاخباراتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى مەملىكەت بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 1 مىليارد 354 مىليون 70 مىڭغا يېتىپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %95تىن يۇقىرى بولغان. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىش ھەققىنى ئاتچوت قىلىش سەۋىيەسى %60تىن يۇقىرى بولغان.

  ئاخباراتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019- يىلى، مەملىكەت بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى (تۇغۇت سۇغۇرتىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ئومۇمىي كىرىمى 2 تىرىليون 442 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %10.2 ئېشىپ، شۇ يىللىق GDPدا تەخمىنەن %2.5نى ئىگىلىگەن؛ ئومۇمىي چىقىم 2 تىرىليون 85 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %12.2 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە 329 مىليون كىشى ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا، 1 مىليارد 24 مىليون كىشى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇش ئادەم قېتىمى ۋە داۋالاش ھەققى سىجىل ئېشىپ، دوختۇرخانىدا يېتىش ھەققى سىياسەت دائىرىسىدە بولۇپ، ئەمەلىي ئاتچوت قىلىش سەۋىيەسى ئاشقان، ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە دوختۇرخانىدا يېتىش ھەققىنى ئەمەلىي ئاتچوت قىلىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە %59.7كە يەتكەن، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە دوختۇرخانىدا يېتىش ھەققىنى ئەمەلىي ئاتچوت قىلىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە %75.6كە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالانغاندا بىۋاسىتە راسچوت قىلىش قولايلىقلىقىدىن بەھرىلەنگەنلەرنىڭ ئادەم قېتىمى ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ