شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىلىرى چوڭ دۆلەت بايرىقىنى نامايان قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنىنى قوللىدى

2020.06.28 17:35 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 40 نەچچە شياڭگاڭ ئاھالىسى تيەنما باغچىسىدا دۆلەت بايرىقىنى چۆرىدەپ تۇرۇپ، ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىر، كەڭلىكى 20 مېتىر كېلىدىغان دۆلەت بايرىقىنى بىرلىكتە نامايان قىلدى. كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت ئاستىدا، بۇ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئادەتتىن تاشقىرى يارقىن كۆرۈندى.

  شۇ كۈنى، بۇ شەھەر ئاھالىلىرى «چوڭ كۆلەملىك دۆلەت بايرىقىنى نامايان قىلىپ چاقنىتىش ھەرىكىتى»نى قوزغىدى. ئۇلار بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئارقىلىق شياڭگاڭنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش قانۇنىنى قوللايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 23 يىللىقى خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ