مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭدا يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرلەر پۈتۈن كۈچ بىلەن تەكشۈرۈپ تۈگىتىلمەكتە

مۇتەخەسسىسلەر شەھەر ئاھالىلىرىنى باشتىن-ئاخىر بىخەتەر ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقى ساقلاشقا مۇراجەت قىلدى

2020.06.28 17:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلاردىن 17 كىشى يېڭىدىن دوكلات قىلىنىپ، ئۇدا بىر نەچچە كۈن ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملاشقاندىن كېيىن، يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمار سانىدا بەلگىلىك ئۆرلەش كۆرۈلدى. بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پايتەختتىكى يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، قىلچە بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ. يۇقۇم مۇداپىئەسى ئىلگىرىلىمىسە چېكىنىدۇ، ئىلگىرىلىمىسە قەتئىي بولمايدۇ. نۆۋەتتە بېيجىڭدا يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپ پۈتۈن كۈچ بىلەن تەكشۈرۈپ تۈگىتىلمەكتە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىنى بارلىق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قاتتىق دىققەت قىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەكشۈرۈپ تۈگىتىش كېرەك. 26-ئىيۇندىكى جەزملەشتۈرۈلگەن بىمارلاردىن قارىغاندا، ئاساسلىقى يەنىلا شىنفادى توپ تارقىتىش بازىرىدىكى ئەسلىدە يۇقۇملانغان كىشىلەر توپى بولسىمۇ، لېكىن يەنە ئاز مىقداردىكى بىمارلارنىڭ ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەرىكەت قىلغان رايونلار چېتىلىدىغان كەسىپ، كۆرۈنۈش، خادىملار، ئۆتكەن يوللار مۇرەككەپ ۋە كۆپ خىل بولغان. بېيجىڭدا يوشۇرۇن خەۋپ پۈتۈن كۈچ بىلەن تەكشۈرۈپ تۈگىتىلىۋاتقان بولۇپ، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دائىرىسى داۋاملىق كېڭەيتىلدى. چاۋياڭ رايونىغا جايلاشقان داياڭلۇ بازىرى بېيجىڭدىكى 2-چوڭ توپ تارقىتىش بازىرى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشى چوڭ، باشقا جايلاردىن كەلگەن ئاپتوموبىللار كۆپ بولغاچقا، بېيجىڭ شەھىرىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش پونكىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا كىرگۈزۈلدى، باشقا جايدىن كەلگەن شوپۇرلارنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى 10 سائەت ئىچىدە چىقىدۇ. بېيجىڭ شەھەرلىك سودا ئىدارىسىنىڭ 2- دەرىجىلىك تەكشۈرگۈچىسى ۋاڭ خۇڭسۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ شەھىرىدە پۈتۈن شەھەر بويىچە چاچ ياساش، ھۆسن تۈزەش كەسپىگە قارىتا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىكى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلماقتا، بۇ، تىجارەت سورۇنلىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، ئالاقىدار خادىملارغا قارىتا يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 26-چېسلا سائەت 24 كىچە، شەھەر بويىچە چاچ ياساش، ھۆسن تۈزەش تىجارەت سۇبيېكتىدىن 10 مىڭ 765 ى تەكشۈرۈلدى (تىجارەت باشلىمىغان دۇكانلار بۇنىڭ سىرتىدا)، 26 مىڭ 286 كىشىدىن يادرو كىسلاتاسى ئەۋرىشكە ئېلىندى، 12 مىڭ 350 كىشىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققان بولۇپ، ھەممىسى مەنپىي چىقتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ