مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭ كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزى 17 نەپەر يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارىنىڭ سەپەر ئىزلىرىنى ئېلان قىلدى

2020.06.28 16:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27- ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ شەھىرى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پاڭ شىڭخو بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 26- ئىيۇن يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئەھۋالىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  پاڭ شىڭخونىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 26- ئىيۇن سائەت 0 دىن 24 كىچە، بېيجىڭ شەھىرىدە يېڭىدىن 17 نەپەر يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 11ى ئەر، 6سى ئايال بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 40 ياش ئىكەن، ئەڭ كىچىكى 23 ياش، ئەڭ چوڭى 55 ياش ئىكەن؛ تۇرۇشلۇق جايى بويىچە ئايرىغاندا، ئۇلاردىن 15ى فېڭتەي رايونىدىن، 2سى داشىڭ رايونىدىن ئىكەن. ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان 16 بىمارنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈلۈشى تاماملانغان بولۇپ، بىرى يەنىلا تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.

  پاڭ شىڭخو مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: تاڭزۇڭزا چاغىنىلىق دەم ئېلىش ئاخىرلىشىپ قالدى، شەھەر ئاھالىسى جەم بولماسلىق، يىغىلىش قىلماسلىق، سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاش قاتارلىق بەلگىلىمىلەردە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي ھالدا ماسكا تاقاپ، بولۇپمۇ ئاممىۋى قاتناشقا ئولتۇرغاندا، ياكى ئادەم كۆپ، ھاۋا ئۆتۈشۈشى ناچار، ھىم ئېتىكلىك سورۇنلاردا چوقۇم ماسكا تاقاپ، قول تازىلىقىنى ياخشى قىلىپ ۋە كىشىلەر ئارا ئارىلىق ساقلاپ، كۈندىلىك مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ