بېيجىڭدا پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمغا زەربە بېرىلمەكتە

2020.06.22 17:18 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونى جيۇگۇڭ بازىرىدىكى بىر مەھەللە كادىرى ئولتۇراق رايوننىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونىدىكى ھەر قايسى ئورگانلار زور تۈركۈمدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاجرىتىپ مەھەللىلەرگە چۈشۈرۈپ، بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە قاتناشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قايسى كوچا، يېزا-بازار، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلارمۇ 24 سائەتلىك ئايلىنىش تۈزۈمىدىكى مەھەللە ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش، يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئاتلاندى، كادىرلار ۋە ئاھالىلەر بىر نىيەتتە تىرىشىپ يۇقۇمغا زەربە بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ