خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 17-كۈنى، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى دىڭ شياڭياڭ، ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ شۆجۈن ئالاقىدار دورا ۋاكسىنىسى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم ئالاقىدار تارماقلار، خۇبېي ئۆلكىسى، ۋۇخەن شەھىرى ۋە كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، دورا ۋاكسىنىسى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئاساسىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە تۈرتكە بولدى.
ئالاقە گۇرۇپپىسى كۆرگەزمە تاختىسى ۋە ئەمەلىي بويۇملار ئارقىلىق دورا ۋاكسىنىسى ئىشلەپچىقىرىش، تېز تەكشۈرۈش رېئاكتىپىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلىتىشنى ئىگىلىدى ھەم دورا ۋاكسىنىسى پەن تەتقىقات تەجرىبىخانىسى، ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھە- ئۈسكۈنىلىرى، تېخنولوگىيەلىك تەرتىپ قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسى دورا ۋاكسىنىسىنىڭ پەن تەتقىقاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.
ئالاقە گۇرۇپپىسى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىنسانلارنىڭ كېسەل بىلەن كۈچ سىنىشىشىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قورالى پەن-تېخنىكا بولۇپ، زور ئاپەت، زور يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى ئىلىم-پەن تەرەققىياتى ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئايرىلالمايدۇ. ھازىر چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ تارقىلىش، كېڭىيىش ۋەزىيىتى يەنىلا ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنمىدى، دۆلەت ئىچىدىكى قىسمەن جايلاردا توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم پات-پات يۈزبېرىپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بېسىمى يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر. لېكىن ئىقتىساد، جەمئىيەت ھەرىكەت ھالىتىدە ئايلىنىپ تۇرىدىغان سىستېما، ئۇزاق ۋاقىت توختاپ قالسا بولمايدۇ. دورا ۋاكسىنىسى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرىدا يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى ئاچقۇچ بولۇپ، بۇ ھۆكۈمەت، كارخانا، دوختۇرخانا، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، دورا ۋاكسىنىسى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىقنى ياخشى قىلىشىغا موھتاج.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ