بېيجىڭدا تەكشۈرۈش سالمىقى كۈچەيتىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىندى

2020.06.18 17:00 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 17-كۈنى، بېيجىڭ شەھىرى خەيدىيەن رايونىغا جايلاشقان خەيۋەنجۈ زېڭگۇاڭ يولى دۇكىنىدا، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار ئاشخانىلارنىڭ دېزىنفېكسىيەلەش خاتىرىسىنى تەكشۈرمەكتە.

  شۇ كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە خەيدىيەن رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرى خەيدىيەن رايونىدىكى زىڭگۇاڭ خوڭيۈن بازىرى ۋە خەيۋەنجۈ زېڭگۇاڭ يولى دۇكىنىغا كېلىپ، بازاردىكى كۆكتات، يېڭى گۆش قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ مال كىرگۈزۈش يوللىرىنى، يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرىنىڭ دېزىنفېكسىيە قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ