مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، گوۋۇيۈەن «خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2020.06.02 16:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، گوۋۇيۈەن «خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى»نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  خەينەن دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى سىناق قىلىشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە. خەينەننىڭ جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە تەدرىجىي ئىزدىنىشى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىشنى قوللاپ، ئەركىن سودا پورتى سىياسىتى ۋە تۈزۈم سىستېمىسىنى قەدەمگە، باسقۇچقا بۆلۈپ ئورنىتىش باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى ئالغا سىلجىتقان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى، خەلقئارا ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىپ، ئىلمىي پىلانلاپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك قارار. ھازىر دۇنيا يېڭى بىر نۆۋەتلىك چوڭ تەرەققىيات، چوڭ ئۆزگىرىش، چوڭ تەڭشەشنى باشتىن كەچۈرۈپ، قورۇقچىلىق، بىر تەرەپلىمىلىك باش كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى تېخىمۇ چوڭ تەتۈر شامال ۋە قايتما دولقۇنغا دۇچ كەلدى. خەينەندە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى ئورنىتىشنىڭ تۈپ تەلىپى؛ بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان، قولايلاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجى؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى؛ ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنى قوللاپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەينەن ئۆلكىلىك ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، گوۋۇيۈەننىڭ خەينەننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»نىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن مەزكۇر لايىھە تۈزۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ