مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى

2020.06.02 14:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، قانۇننى يولغا قويۇش داۋامىدا ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى.

  مۇخبىرنىڭ 1- يانۋار بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 6- ئايدىن 7- ئايغىچە، جىلىن، جياڭسۇ، خېنەن، چۇڭچىڭ، سىچۈەن ۋە شىنجاڭدىن ئىبارەت ئالتە ئۆلكە (رايون، شەھەر)نى تەكشۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىچكى موڭغۇل، خېيلۇڭجياڭ، ئەنخۇي، جياڭشى، شەندۇڭ ۋە گۇيجۇدىن ئىبارەت ئالتە ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنى، يەنى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش ئاساسىدا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پەن تەتقىقات ۋە تەرەققىيات سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش ئەھۋالى؛ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئۆلچىمى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيىلەش، ئومۇملاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلات مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئەھۋالى؛ مالىيە، پۇل مۇئامىلە ۋە باج ئېتىبار سىياسەتلىرىنى قوللىنىش، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش ئەھۋالى؛ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوغداشنى كۈچەيتىش ئەھۋالى؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئىگىلەيدىكەن.

  7- ئاينىڭ ئاخىرىدا، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 2- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. 8- ئاينىڭ ئاخىرىدا، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ