مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش

__ ۋەكىللەر، ئەزالار غەربىي رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

2020.05.26 17:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش»، «ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى رايونلاردا ئەركىن سودا سىناق رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش»...

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا يەنە بىر قېتىم غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ ئوچۇق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ ۋەكىللەر، ئەزالار پائال ئەقىل - چارە كۆرسەتتى.

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ كۈچلۈك موتورىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چۇڭچىڭ چوڭ سانلىق مەلۇماتنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلغان يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەت پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «ئەقلىي ياسىمىچىلىق مۇھىم شەھىرى»، «ئاقىل داڭلىق شەھەر» قۇردى. 2019-يىلى، چۇڭچىڭدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %12.6، %11.6 ئېشىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ قوشۇلما قىممىتى %15 ئەتراپىدا ئاشتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چۇڭچىڭ پۇيۈۋېي پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى گاۋ يۈ: «چۇڭچىڭدا تۇرۇپ، يېڭى-كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشى ئېلىپ كەلگەن كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىختىساسلىقلار قۇرۇلمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، بۇلار يەنە كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشقا پۇختا ئاساس سالىدۇ»، دېدى.

  گاۋ يۈ مۇنداق قارىدى: چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى بەرپا قىلىشتا ئۈمىد بار، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، چۇڭچىڭ يول قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، غەربىي قىسىمنى چوڭ ئېچىشنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى بولۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تۇتاشتۇرۇش نۇقتىسىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تېخىمۇ قولايلىق ئوچۇق يولنىڭ كۈچلۈك تىرىكىگە موھتاج.

  «غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يول قۇرۇلۇشى غەربىي قىسىمدىكى رايونلارغا جەنۇبتىن دېڭىزغا چىقىش بىر ئېغىزى ئېچىپ بېرىش ئارقىلىق غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ ئوچۇق تەرەققىياتىنى يېڭى بىر يول بىلەن تەمىنلەپ، ئەشيا ئوبوروت ئۈنۈمىنى كۈچلۈك ئۆستۈرۈپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىدۇ»، دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، گۇاڭشى بېيبۇۋەن خەلقئارا پورت ئىشلىرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋېي تاۋ.

  ۋېي تاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: غەربىي قىسىمدىكى قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولىنىڭ خەلقئارا پورتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھازىر بېيبۇۋەن پورتى چۇڭچىڭ، سىچۈەن، يۈننەن، گۇيجوۋ، شەنشى، گەنسۇدىن ئىبارەت غەربىي قىسىمدىكى ئالتە ئۆلكە، شەھەردە دېڭىز-تۆمۈريول ئۇلاپ توشۇش نۆۋەتچى پويىزى تەسىس قىلىپ، بۇلتۇر 2243ى قاتنىدى، بۇ يىل 4000 ئەتراپىدا كۆپەيتىشكە تىرىشىمىز.

  «يول ئارقىلىق ئەشيا ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروت ئارقىلىق سودىغا تۈرتكە بولۇپ، سودا ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاخىرىدا شۇ جاينىڭ، شۇنداقلا پۈتۈن غەربىي رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز»، دېدى ۋېي تاۋ، بېيبۇۋەن پورتى ئوچۇق ھەمكارلىشىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، «دوستلار چەمبىرىكى»نى كېڭەيتىپ، غەربىي قىسىمدىكى تېخىمۇ كۆپ ئۆلكىلەرنى دېڭىز-تۆمۈريول ئۇلاپ توشۇش نۆۋەتچى پويىزى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلماقتا.

  ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن.

  «چىڭخەينىڭ ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، يېرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك بولدى»، دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شا فېڭ،

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىڭخەي ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە مۇھىتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىپ، تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى سىجىل ياخشىلىدى.

  «ئۈچ دەريا مەنبەسى، چىليەنشەن تېغى دۆلەت نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونى قۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش»، «چىڭخەينىڭ دۆلەت رەقەملىك ئىقتىساد يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات سىناق رايونى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىش»... چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى نامىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ ئىچىدە، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يەنىلا «مۇھىم نۇقتا» بولدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، چىڭخەي ئۆلكىلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەخسۇس مۇئاۋىن رەئىسى لى چىڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە، چىڭخەينىڭ تەرەققىياتى داۋاملىق «ئېكولوگىيەلەشتۈرۈش»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئورتاق قوغداش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، كەسىپ ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىش ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش، ئىچكى-تاشقى ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ياشىشىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشىنى تېخىمۇ راھەت، سەپەرگە چىقىشىنى تېخىمۇ قولايلىق، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ