خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭ ساقچى تەرەپنىڭ 25-ماي ئۇقتۇرۇشىچە، ساقچىلار ھازىر جەمئىي 193 كىشىنى قولغا ئالغان بولۇپ، ئۇلار 24- ماي يۈز بەرگەن توپىلاڭغا قاتنىشىش، قانۇنسىز يىغىلىش، ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرلىك قوراللارنى يوشۇرۇش، باشقىلارنىڭ بەدىنىگە ھۇجۇم قىلىپ زەخىملەندۈرۈش قاتارلىق جىنايەتلەرگە چېتىشلىق ئىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قولغا ئېلىنغان گۇماندار 122 ئەر ۋە 71 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 30 غا يېقىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بار بولۇپ، ئەڭ ياش بولغىنى ئاران 12 ياشتا ئىكەن.
ساقچى تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 24-ماي چۈشتىن كېيىن بىر ئەر لىيۈەن تاغ يولىدا توسۇلۇپ قالغاندا، باشقىلار بىلەن تالاش-تارتىش قىلغان ھەمدە باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ئۇنىڭ بېشى، قولى ۋە مۈرىسى يارىلانغان، دېلو ساقچىلار تەرىپىدىن ئادەم يارىلاندۇرۇش دېلوسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. ساقچى تەرەپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۈنلۈك تۇتۇپ باشقىلارنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇشمۇ قانۇنغا خىلاپ بولىدۇ، باشقىلارنى كۈشكۈرتۈش ياكى يارىلاندۇرۇش جىنايىتىگە چېتىلىشى مۇمكىن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ساقچىلار يەنە 16 ياشلىق بىر ئەرنى قولغا ئالغان بولۇپ، ئۇنى 24- ماي تيەنخوۋدا يول توسۇقىنى تازىلاۋاتقان ئايالنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ گۇمان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ