مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەزا خۇاڭ شياۋۋېي ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ئائىلە مائارىپىنى قوللاش مۇلازىمىتىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتىگە كىرگۈزۈش تەكلىپى بەردى

2020.05.26 16:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە ئېچىلىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىدا، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ئائىلە مائارىپىنى قوللاش مۇلازىمىتىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتىگە كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپنى تاپشۇردى. يېقىندا، بۇ تەكلىپ توغرىسىدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى، شۇجىچۇسىنىڭ 1- شۇجىسى خۇاڭ شياۋۋېي زىيارەت قىلىندى.

  خۇاڭ شياۋۋېي مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، كۆپلىگەن ئائىلىلەر ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى مەرىپەتچىلىكنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتتى، لېكىن نۇرغۇن ئائىلىلەر ئېرىشكەن دەسلەپكى مەزگىلدىكى بالا تەربىيەلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش تارقاق، سىستېمىلىق ئەمەس، ھەتتا ئىلمىي ئەمەس. «ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، نۇرغۇن ئائىلىلەر «تۇغۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى، تۇغۇشنى خالىمىدى»، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب شۇكى، بالىلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئائىلە تەربىيەسىنىڭ يۈرۈشلەشكەن كۆپ مەنبەلىك قوللاش مۇلازىمەت سىستېمىسى تېخى مۇكەممەللەشمىدى، ھازىرقى مۇلازىمەت سىستېمىسى ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار بار ئائىلىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ.

  خۇاڭ شياۋۋېي: ئاممىنىڭ ئېھتىياجى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەجرىبىسى، ئۆز جايىمىزدىكى ئەمەلىيەت لايىھەسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ئائىلە مائارىپىنى قوللاش مۇلازىمىتىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتىگە كىرگۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە مۇمكىنچىلىكى كۆرسىتىلدى، دەپ قارىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى:

  بىرىنچى، ئالاقىدار تارماقلار ئورتاق قاتناشقان ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسىنى قوللاش خىزمەت مېخانىزىمىنى ئورنىتىپ، ھەر قايسى تارماقلارنىڭ تەشكىلىي ئەۋزەللىكى ۋە كەسپىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كۆپ خىل شەكىلدىكى ئائىلە تەربىيەسىنى قوللاش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئائىلە تەربىيەسىنى قوللاش مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ئائىلە مائارىپىنى قوللاش مۇلازىمىتىنى شەھەر-يېزا، مەھەللە ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش، مەخسۇس مالىيە خىراجىتى بىلەن قوللاش، مەركەز لاتارىيە ئاممىۋى پاراۋانلىق فوندىدىن مەخسۇس چىقىم قىلىش، ھۆكۈمەت مۇلازىمەت سېتىۋېلىش قاتارلىقلارنى قوللىنىپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئىجتىمائىي كۈچلەر قاتنىشىدىغان ئائىلە تەربىيەسىگە مەدەت بېرىش خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان بالىلار مائارىپى، بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ساقلىقىنى ساقلاش، بالىلارنى قوغداش قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈرلىرىدە، ئۈچ ياشتىن تۆۋەن نامرات، مېيىپ قاتارلىق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنىڭ ئىلمىي پەرزەنت تەربىيەلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش مەزمۇنىنى كۆپەيتىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ھاۋالىلىك تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىش ئۆلچىمى ۋە باشقۇرۇش قائىدىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ساھە ئىجازىتى ئۆلچىمى، كەسىپكارلارنىڭ كەسپىي سالاھىيەت ئىسپاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، رويخەتكە ئېلىش، ئەنگە ئېلىپ تىزىملاش، ئۇچۇر ئېلان قىلىش ۋە سۈپەت باھالاش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساھە تەلەپچانلىقى قاتارلىقلارنى كۈچەيتىپ، ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ