مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنى ۋىدىئو يىغىنى ئۆتكۈزدى

ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى، 12 نەپەر ئەزا يىغىندا سۆز قىلدى

2020.05.26 16:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنى 25-ماي چۈشتىن بۇرۇن ۋىدىئو يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى. 12 نەپەر ئەزا يىغىندا سۆز قىلدى. يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدا ئاساسىي يىغىن مەيدانى، ئەزالار تۇرۇشلۇق جايدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەن يىغىنغا قاتنىشىپ ئاڭلىدى.

  ئەزا خۇاڭ لۇچى سۆز قىلىپ: ئەمەلىيەت جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، دېدى.

  ئۇ: جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى ھەمكارلىقىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى مۇتەخەسسىسلىرىنى دۆلەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرى ۋە لايىھەسىنى تۈزۈشكە قاتناشتۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەتقىقات سۇپىسى قۇرۇش تەكلىپى بەردى.

  ئەزا چېڭ خۇڭ دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ: ئېلىمىزنىڭ بالىلار، ياشلار- ئۆسمۈرلەرنىڭ تەن ساغلاملىقى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچى ئۇدا 20 نەچچە يىل تۆۋەنلىدى، بۇنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبى ئىلمىي، سىستېمىلىق ساغلاملىق تەربىيەسى، تەن ساپاسىنى كۆزىتىش ۋە ئارىلىشىش سىستېمىسى كەمچىل بولغانلىقىدا، دېدى. ئۇ: ساغلاملىق تەربىيەسىنى خەلق مائارىپى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، بالىلار، ياشلار- ئۆسمۈرلەرنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مەكتەپ تەنتەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، بەدەن ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈش ئەندىزىسى ۋە مەزمۇنىنى ياخشىلاپ، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر ئارىلىشىش؛ مەملىكەت بويىچە بالىلار، ياشلار- ئۆسمۈرلەرنىڭ تەن ساغلاملىقى چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى ۋە كۆزىتىش، ئالدىنى ئېلىش سانلىق مەلۇماتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپى بەردى.

  ئەزا جوۋ خەنمىن جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: مەركىزىي شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش — ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك توپلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. ئۇ: سىستېمىلىق پىلانلاپ، مەركىزىي شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئالاھىدىلىكىنى 14- بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ يادرولۇق ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى قىلىپ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايونلار ئارا كېڭىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركىزىي شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاپ، شەھەرنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تەكىلىپى بەردى. (مەنبەنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ