مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن ھەق تەلەپ قانۇنى كاپالىتىنى مۇستەھكەم ئورنىتايلى

---پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ مۇزاكىرە قىلدى

2020.05.25 16:03 مەنبە: خەلق تورى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ۋە دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش نەتىجىسىدە، جۇڭگو ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى ئوتتۇرىغا چىقتى. 24- چېسلا، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىنىڭ ئالاقىدار ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ ئالاقىدار ساھەلىرىدە ۋەكىللەر ۋە ئەزالار بىلەن بىرلىكتە ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ مۇزاكىرە قىلدى.

  پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى جۇڭگودا «قانۇن كودېكسى» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان تۇنجى قانۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسى دۆلىتىمىزدە قانۇن كودېكسى بويىچە قانۇن چىقىرىش يولىنى ئاچتى. ھەق تەلەپ قانۇنى بولسا، دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ نورمال ۋە ئۈنۈملۈك ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئۇل خاراكتېرلىك قانۇن قائىدىسىدۇر. ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى بىر تەرەپتىن ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ھەق تەلەپ قانۇنلىرىنى سىستېمىلىق بىرىكتۈرىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى ئەھۋال ۋە يېڭى مەسىلىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ كەلگۈسىگە پايدىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپ تەدرىجىي نورماللاشتى. بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى لايىھەسىدە بىر قاتار بەلگىلىمىلەر چىقىرىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى لايىھەسى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ۋەسىيلىك تۈزۈمى، يىغىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش تۈزۈمى قاتارلىقلارغا يېڭىچە تۈزىتىش كىرگۈزدى، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى قانۇن ئىدارە قىلىش تىرىكىگە ئىگە قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ سىستېمىسى مۇكەممەل بولغان، ئىلمىي ۋە قېلىپلاشقان، يۈرۈشى ئۈنۈملۈك بولغان قانۇن سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ۋە جامائەت مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك.

  پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەردە گەرچە ھەق تەلەپ قانۇنى بولسىمۇ، لېكىن، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى بار دۆلەتلەر كۆپ ئەمەس. جۇڭگو خەلقىگە ھەقىقىي مەنسۇپ بولغان ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى جۇڭگو تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، دەۋر تومۇرىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ روھىنى نامايان قىلىش كېرەك. ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى لايىھەسى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات دەۋرىنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە ئېلىپ كەلگەن زىددىيەتلىرى ۋە توقۇنۇشلارنى ھەل قىلدى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىپلا قالماي، ئىنسانىيەتنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنىڭ قوشۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ