مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئالقىشلىدى

2020.05.24 16:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  5-ئاينىڭ 22-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3- يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا باشلاندى.

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلات جەمئىي سەككىز قىسىمغا بۆلۈنگەن: بىرىنچى، 2019-يىلى ۋە بۇ يىلدىن بۇيانقى خىزمەت ئەسلىمىسى؛ ئىككىنچى، بۇ يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ۋە كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەت ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى؛ ئۈچىنچى، ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ تۆتىنچى، ئىسلاھاتقا تايىنىپ بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ بەشىنچى، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش؛ ئالتىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە مول ھوسۇل ئېلىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يەتتىنچى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقى سودا ۋە تاشقى مەبلەغنىڭ ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇش؛ سەككىزىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

  يىغىندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئېكرانغا قاراپ باش بارمىقىنى چىقىرىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى ئالقىشلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ