مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«جۇڭگونىڭ جاۋابى» ___ ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەت قوشماقتا

— دۇنيا جۇڭگونىڭ «ئىككى يىغىن ۋاقتى»غا دىققەت قىلماقتا (2)

2020.05.24 15:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «جۇڭگونىڭ جاۋابى» ___ ئىنسانلارنىڭ خەۋپ-خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتنى كۆزلىشىگە ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەت قوشتى.

  جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قارشى تۇرۇش جەريانىدا بىر قېتىملىق چوڭ سىناقتىن ئۆتتى. دۇنيانىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن بۇ «جۇڭگو جاۋابى» جۇڭگونىڭ 2020-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىنى كۆزىتىۋاتقان دۇنيا نەزىرىنى جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈشكە يېتەكلىدى. بۇ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياغا جۇڭگونىڭ خىسلىتى ۋە قىياپىتىنى نامايان قىلىپلا قالماي، دۇنياغا مۇھىم ئىلھام بېرىدۇ.

  يۇقۇم دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ سىناق تېشى بولدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، «ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش» ئارقىلىق ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ زور يۇقۇم بىلەن جەڭ قىلىپ، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە تىزگىنلىدى، ئىككى ئاي ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۆز زېمىنىمىزدىكى ھەر كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمارلار سانىنى ئوندىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، ئۈچ ئاي ئەتراپىدىكى ۋاقىت ئىچىدە ۋۇخەننى قوغداش ئۇرۇشى، خۇبېينى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ ھەل قىلغۇچ نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ چوڭقۇر كۆرسەتتى: «ئېلىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرەلىشىدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، پارتىيە رەھبەرلىكى بىلەن سوتسىيالىستىك تۈزۈمىمىزنىڭ ئەۋزەللىكى سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى». جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سىرىنى ئىزدەۋاتقان نۇرغۇن خەلقئارالىق زاتلار مانا مۇشۇ نۇقتىدىن كۆزەتتى ھەمدە ھازىرقى ئالاھىدە مەزگىلدە، جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى يۇقىرى سەۋىيەلىك دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتى، دەپ كۆرسەتتى.

  بۇ يىل جۇڭگونىڭ «ئىككى يىغىن ۋاقتى»دا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان نۇرغۇن تۈزەش قارالمىلىرى بار: زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە غەلىبىلىك ئورۇنداش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش، تاۋار ۋە ئامىللارنىڭ يۈرۈشۈش تىپىدىكى ئېچىۋېتىشتىن قائىدە قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشكە ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى (لايىھە) گە قاراپ چىقىش...

  مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇرلاردىن دۇنيا «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىشى»نىڭ مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر سالىدىغان كۈچى ۋە ئارزۇسىنى كۆرەلەيدۇ.

  خۇددى قازاقىستان كوممۇنىستىك خەلق پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى كونوروف ئىشەنگەندەك، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونى توغرا، ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىيات يولىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدۇ».

  «جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىدا، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ۋەكىللەر، ئەزالار بىر يەرگە جەم بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەيدۇ. ئىشىنىمەنكى، بۇ جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ توپلايدۇ». پارىژ 8- داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى پىئېر پىكارنىڭ بۇ سۆزى جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلقئارادىكى نۇرغۇن زاتلارنىڭ كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ