مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەق تەلەپ ھوقۇقىنى قوغداش پات ئارىدا قانۇن كودېكسى دەۋرىگە كىرىدۇ

2020.05.23 16:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 5- ئاينىڭ 22- كۈنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى (لايىھە)» 13- مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. دېمەك، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى ئوتتۇرىغا چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇنىڭ بىلەن، دۆلىتىمىزدە ھەق تەلەپ ھوقۇقىنى قوغداش پات ئارىدا قانۇن كودېكسى دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ.

  ۋەكىللەر ۋە ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى مۇكەممەل بولغان ھەق تەلەپ قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلدۇرىدۇ.

  ھەق تەلەپ ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىشتا كۈچلۈك سىگنال بېرىلدى

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋەكىل ياڭ زۇڭرېن مۇنداق دېدى: ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ كودېكسلىشىشى دۆلەتنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىش دەرىجىسىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىنى تۈزۈش شۇنداقلا جۇڭگودىكى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى. ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى لايىھەسى قاراپ چىقىپ ماقۇللانغاندىن كېيىن، چوقۇم ئېلىمىزنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى ئابىدە بولۇپ قالىدۇ، ھەمدە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشقا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كۆپ سۇبيېكت بىلەن تەمىنلەش، كۆپ يوللار ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىجارە بىلەن سېتىۋېلىش تەڭ ئېلىپ بېرىلىدىغان تۇرالغۇ تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىپ، بارلىق خەلقنى تۇرالغۇ ئۆيى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇرۇش كېرەك. ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسى لايىھەسىدە پايدىلىنىدىغان مۈلۈك ھوقۇقى قىسمى بىلەن «ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقى» دېگەن باب بەلگىلەندى، ئۇنىڭدا، ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقىنى پىرىنسىپ جەھەتتە ھەقسىز تەسىس قىلىشقا بولىدىغانلىقى، ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشى توختامدىكى پۈتۈم ياكى ۋەسىيەت بويىچە ھەمدە تىزىملىتىپ باشقىلارنىڭ تۇرالغۇسىنى ئىگىلەش ۋە ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى، شۇ ئارقىلىق ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ مۇقىم تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا بولىدىغانلىقى قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ۋەكىل ياڭ زۇڭرېن يەنە مۇنداق دېدى: بۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ «تۇرالغۇسى بولۇش» ئارۇسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلدۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ