مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگودا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ 1- باسقۇچلۇق كلىنىكىلىق تەجرىبىسىدە پائال نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

2020.05.23 16:36 مەنبە: خەلق تورى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لوندون، 22- ماي تېلېگراممىسى (مۇخبىر جاڭ جياۋېي): جۇڭگو تەتقىقات ئۆمىكى 22- ماي ئەنگلىيە تىبابەت ژۇرنىلى «لەنسېت»دا دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ بىر خىل ۋاكسىنىسىنى بىر قارار كلىنىكىلىق سىناق قىلدى، نەتىجىدە بۇ خىل ۋاكسىنا بىخەتەر ئىكەنلىكىنى ۋە ئادەم بەدىنىدە تېز سۈرئەتتە ئىممۇنىتېتلىق ئىنكاس پەيدا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

  ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھەربىي مېدىتسىنا تەتقىقات يۇرتى بىئو قۇرۇلۇش تەتقىقات ئورنىدىكى ئاكادېمىك چېن ۋېي قاتارلىق كىشىلەر باشلامچى بولغان بۇ كوللېكتىپ مۇشۇ كلىنىكىلىق تەجرىبىنى قانات يايدۇردى. تەجرىبە جەريانىدا ئىشلىتىلگەن ۋاكسىنا بولسا، بەز ۋىرۇسىنى توشۇغۇچى ۋە قايتا تەشكىللەنگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ بىر خىل ۋاكسىنىسىدۇر. كوللېكتىپ تەجرىبە جەريانىدا قۇرامىغا يەتكەن 108 نەپەر ساغلام پىدائىينى قوبۇل قىلدى، ئۇلارنىڭ يېشى 18 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان كىشىلەر ئىدى. بۇ پىدائىيلار ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ئۇلارغا ئوخشىمىغان مىقداردىكى ۋاكسىنا ئەملەندى.

  دوكلاتتا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ۋاكسىنا ئەملىنىپ بولغان 28 كۈن ئىچىدە، بۇ خىل ۋاكسىنا ئوخشىمىغان مىقداردىكى گۇرۇپپىلاردا ناھايىتى ياخشى چىدامچانلىقنى نامايەن قىلغان بولۇپ، ئېغىر ۋە ناچار تەسىر پەيدا قىلمىغان.

  چېن ۋېي «لەنسېت»دا ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېگەن: 1- باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق تەجرىبىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بەز ۋىرۇسىنى توشۇغۇچى ۋە قايتا تەشكىللىگەن بۇ خىل يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملىسە، 14 كۈن ئىچىدە بەدەندە ۋىرۇس ئالاھىدىلىكى بار ھۆجەيرىلەردىكى ئانتىتېلانى ۋە T ھۈجەيرىسىنى قوزغىتىپ پەيدا قىلىدىكەن. بۇ نەتىجىلەر بىر مۇھىم ئابىدىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ