مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2020- يىلى دۆلىتىمىزدە پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆستۈرۈلدى

2020.05.23 16:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 22- ماي 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. مەزكۇر سىياسەت بويىچە، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆستۈرۈلۈپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن، مەملىكەت بويىچە 300 مىليونغا يېقىن ئادەم ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى ئالىدۇ، ئۇ پۇللارنىڭ چوقۇم ۋاقتىدا ۋە تولۇق تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  «خەلق تۇرمۇشى مۇقىم بولسا، ئەل رايىمۇ مۇقىم بولىدۇ، جەمئىيەتمۇ مۇقىم بولىدۇ.» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يىمىڭ مۇنداق دېدى: خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلىغاندىلا، ئاندىن ئاممىنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ھەمدە پاناھلاندۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى نيې مىڭجۈەن مۇنداق دېدى: ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلدى، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىر قەدەر مول ماددىي ئاساس توپلىدى. 2019- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ قالدۇقى بىر تىرلىيون 90 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن قوللاش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولدى.

  ئادەم كۈچى بايلىقى-ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېنىق قىلىپ شۇنى ئۇقتۇردىكى، 2019- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن كارخانا-ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققان ۋە بەلگىلىمە بويىچە پېنسىيە رەسمىيىتى بېجىرگەن ھەمدە ھەر ئايدا ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئېلىپ كېلىۋاتقانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسى 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئۆستۈرۈلىدۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەش سەۋىيەسى 2019- يىلى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ %5ى بويىچە تەڭشىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ