مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ يىلقى ئىككى يىغىننىڭ قانداق پەرقى بار؟ تۆت يېڭى ئۆزگىرىش بار

2020.05.22 16:06 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىشىغا ئەگىشىپ، بىز «ئىككى يىغىن ۋاقتى»غا رەسمىي قەدەم قويدۇق. بۇ يىل يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن سەل كېچىكتۈرۈلگەندىن باشقا، يەنە قانداق يېڭى ئۆزگىرىشلەر بار؟

  1-، يىغىن ۋاقتى مۇۋاپىق قىسقارتىلدى. سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېچىلدى، 5-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن يېپىلىدۇ، يىغىن ۋاقتى ئەسلىدىكى پىلاندىكىدىن تۆت يېرىم كۈن قىسقاردى.

  2-،بېيجىڭدىكى بىر قىسىم مۇخبىرلارلا يىغىنىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى، چېگرا سىرتىدىكى مۇخبىرلار بېيجىڭغا كېلىپ يىغىننى زىيارەت قىلىشقا ۋاقتىنچە تەكلىپ قىلمىدى، تاراتقۇلار ئاساسلىقى تور، ۋىدىيو، يازما شەكىلدە زىيارەت قىلىدۇ.

  3-، ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلاردىكى تېلېۋىزوردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ياكى توردا سۈرەت، يېزىق ئارقىلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش، بولۇپمۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، مۇخبىرلار يىغىنى، «ۋەكىللەر كارىدورى»، «ئەزالار كارىدورى»، «مىنىستىرلار كارىدورى» قاتارلىق زىيارەت پائالىيەتلىرى ۋىدىيو شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  4-، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئۆمەك، گۇرۇپپىلارنى ئېچىۋېتىش ۋە مەركەزلىك زىيارەت پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرمايدۇ، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئاخبارات باياناتچىسى تەسىس قىلىپ، ئۆز ئۆمىكىنىڭ مۇھىم ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ