مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ۋەكىل، ئەزالار چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرگە دىققەت قىلدى

2020.05.22 16:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  بۇ يىلقى ئىككى يىغىندا، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ۋەكىل، ئەزالار گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى ھەمدە شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى سىڭىپ كىرىشىگە نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى يې گوچيەن مۇنداق دېدى: بىز چوقۇم شىمالغا نەزەر سېلىشىمىز كېرەك، شۇندىلا شياڭگاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى تاپالايمىز. بۇ مۇقەررەر.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋۇ شياۋلى مۇنداق دېدى: ئاساسلىقى ھەممىسىدە چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ تەرەققىياتى مەركەز قىلىنغان، ئەلۋەتتە ئاۋمېننىڭ چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى قانداق چىڭ تۇتۇش مەسىلىسىمۇ بار. بولۇپمۇ دۆلەت بىزگە كۆپ مەنبەلىك ئىقتىسادنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا ناھايىتى ياخشى ئورۇن بەلگىلەپ بەردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شى جيالۇن مۇنداق دېدى: گۇاڭدۇڭ-ئاۋمېن ھەمكارلىق ئەندىزىسىدە يېڭى بۆسۈشنىڭ بولۇشىنى ئىنتايىن ئۈمىد قىلىمەن. بولۇپمۇ خېڭچىن-ئاۋمېن-گۇاڭدۇڭ چوڭقۇر ھەمكارلىق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بىزنىڭ جۇڭگوچە «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەۋزەللىكىگە ئىگە، خەلقئارا سودا ئەركىن پورتى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئېچىۋېتىلگەن رايون بولالايدۇ.

  شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ۋەكىل، ئەزالار يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شياڭگاڭ بىلەن ئاۋمېن دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭىپ كىرىپ، ياش ئۆسمۈرلەرگە ئۆسۈپ يېتىلىش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى، بۇ ئۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ تارىخى ۋە دۆلەت ئەھۋالىغا بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى چېن يۇڭ مۇنداق دېدى: بىز شياڭگاڭدىكى ياشلارنىڭ چوڭ قولتۇق رايونىغا سىڭىپ كىرىشىگە ، تەرەققىياتتىكى توسالغۇلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈشىگە قانداق ياردەم بېرىشكە دىققەت قىلدۇق.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى پېڭ چاڭۋېي مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىدە جۇڭگو تارىخىنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاپ، بەزى ئارقا كۆرۈنۈش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بىزنىڭ شياڭگاڭدا، بولۇپمۇ ياش بىر ئەۋلادلار دۆلەتنى كۆپرەك چۈشىنىشى كېرەك، ئەمەلىيەتتە بۇ چۈشىنىشنىڭ ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور ياردىمى بار.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى چېن خۇڭ مۇنداق دېدى: خېڭچىندا ۋەتەننى، ئاۋمېننى سۆيۈش بازىسى قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن بۇ بازىنىڭ ئاۋمېندىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشىنىڭ كىرىش نۇقتىسى بولۇپ، ئۇلارنى ھېس قىلىش ۋە ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇلار بۇ يەر ئارقىلىق چوڭ قولتۇق رايونىدىن چىقىپ پىراكتىكا، ئېكسكۇرسىيە قىلالايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ بازا چوڭ قولتۇق رايونىدىكى ئاھالىلەر، چوڭ قولتۇق رايونىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرگە مۇلازىمەت قىلالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ