جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتتە «بىخەتەرلىك قالپىقى، بىخەتەرلىك تاسمىسى» بويىچە بىخەتەرلىكنى قوغداش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قانۇن ئىجراسى جازاسىنىڭ دائىرىسى موتوسىكلىت مىنگەندە بىخەتەرلىك قالپىقى كەيمەسلىك، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىماسلىقتەك قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. توكسىكلىت ھەيدىگەندە بىخەتەرلىك قالپىقى كەيمەسلىك قىلمىشىغا قارىتا تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش خىزمىتى داۋاملىق قانات يايدۇرۇلىدۇ.
توكسكلىتقا بولغان بىخەتەرلىك قالپىقى ئېھتىياجنىڭ مەركەزلىك ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم كارخانىلار ۋە سۇپىلاردا سېتىلىدىغان بىخەتەرلىك قالپىقىنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتتى. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلەشتى ھەمدە جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ باھا جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈشىگە پائال ماسلىشىپ، بىخەتەرلىك قالپىقى باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىشتەك قانۇنغا خىلاپ زەنجىرنى ئۈزۈپ تاشلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ