مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەل قىلغۇچ جەڭ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا بولغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيلى

2020.05.22 16:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى «ھەل قىلغۇچ جەڭ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا بولغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيلى-13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى ئېچىلىش پەيتىدە» دېگەن باش ماقالە ئېلان قىلدى.

  باش ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ-ئېلىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە پائال ئۈنۈمگە ئېرىشكەن ئارقا كۆرۈنۈشتە ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. بۇ قېتىمقى يىغىننى ياخشى ئېچىش-ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، كۈچنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان-ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ