مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق مەھكىمىنىڭ باياناتچىسى: ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىنىڭ تەھدىتى جۇڭگو خەلقىنى قورقۇتالمايدۇ

2020.05.22 15:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە خادىم مەھكىمىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى پومپېئو ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى لۇبىئو قاتارلىق سىياسەتۋازلارنىڭ مەركەز ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنى ئۆكتەملىك بىلەن ئەيىبلىشىگە ۋە يولسىزلىق قىلىشىغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرۈپ،ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇردى ۋەئۇنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

  باياناتچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەز ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە زاتلىرىنى يېتەكلەپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكتە. ئەمما، ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ قانۇن چىقىرىش ۋە ئەدلىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئىشىنى قايتا-قايتا تىلغا ئېلىپ سۆزلەپ، جۇڭگوغا قارشى تۇرۇپ شياڭگاڭنى مالىماتاڭ قىلغان ئۇنسۇرلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇندى. تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، بۇ، شياڭگاڭ جەمئىيىتىنىڭ توغرا يولغا قايتىپ كېلىشىنى كۆرۈشنى خالىمىغانلىقتۇر. دېمەك، ئۇلارنىڭ رەزىل نىيىتى ۋە قارا قولى ئاللىقاچان ئاشكارىلاندى! پومپىئونىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق «شياڭگاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇن لايىھەسى»نى باھانە قىلىپ، بۇ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە تەھدىت سېلىشى، پوپوزا قىلىشى، شياڭگاڭ ئىشلىرى ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئاشكارا ئارىلىشىشى بولسا، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىنى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىقتۇر! بىز پومپىئوغا شۇنى رەسمىي يوسۇندا ئۇقتۇرۇمىزكى، سىلەر «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»نى قەتئىي قوغدايدىغان كەڭ شياڭگاڭ ئاھالىسىنى قورقۇتالمايسىلەر، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلغان 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ قورقۇتالمايسىلەر! جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، ھەرقانداق تاشقى كۈچلەرنىڭ شياڭگاڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ