مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى كۈچلۈك قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش لازىم

2020.05.22 15:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىننىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ يېسۈي بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەمدە جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. يىغىن جەريانىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تور ۋىدىيو شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاساسىي يىغىن مەيدانى خەلق سارىيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىغا، شۆبە يىغىن مەيدانى مېيدىيا ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق زالىغا تەسىس قىلىندى.

  ئاممىۋى سەھىيە قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالەت سىستېمىسىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەندە، جاڭ يېسۈي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاساسلىقى تۆت جەھەتتىكى خىزمەتنى ئىشلىدى: بىرىنچى، ئالاقىدار قارارلارنى چىقىرىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز سېتىش ۋە ئىستېمال قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلدى؛ ئىككىنچى، جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇنى لايىھەسى، ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقتى؛ ئۈچىنچى، ئاممىۋى سەھىيە قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالەت سىستېمىسىنى كۈچەيتىش بويىچە قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى باشلاپ ئورۇنلاشتۇردى؛ تۆتىنچى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى قانۇن جەھەتتىن قوللىدى.

  كېيىنكى قەدەمدە، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئاممىۋى سەھىيە قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ھازىر مەخسۇس پىلان تۈزۈلۈپ، مەخسۇس خىزمەت بەنزىسى قۇرۇلدى، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى 17 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، 13 قانۇنغا مۇۋاپىق پەيتتە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىلانلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ