مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 1-يىغىنى ئېچىلدى

لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.05.22 15:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 21-ماي كەچتە خەلق سارىيىدا 1- قېتىملىق يىغىن ئاچتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئادەم 174 نەپەر، قاتناشقىنى 173 نەپەر، بىر ئادەم قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.

  يىغىندا ئالدى بىلەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى سايلاپ چىقىلدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىكىنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، باش كاتىپى ئۈستىگە ئالدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ يىغىنىنى چاقىردى ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى يىغىن 5-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىدۇ، 5-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن يېپىلىدۇ، يىغىن ۋاقتى يەتتە كۈن بولىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 1- يىغىنىدا ھەيئەت رىياسىتىنىڭ بىر قانچە ئەزاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىكىگە سايلاندى. ئاۋازغا قويۇلۇش ئارقىلىق، يىغىندا ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسى سايلاپ چىقىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ