مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى «تۆت ئىستىل» مەسىلىسىدىكى سەككىز تىپىك دېلو مىسالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2020.05.21 17:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-ماي، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى «‹1-ماي، دۇەنۋۇ بايرىمى مەزگىلىدىكى ‹تۆت ئىىستىل› مەسىلىسىنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىش، ئاشكارىلاش مەخسۇس رايونى» نۇرغۇن جايلاردا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان «تۆت ئىستىل» مەسىلىسىدىكى سەككىز تىپىك دېلو مىسالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇ، مەزكۇر رايوندا «قوش ھەپتىلىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئىككىنچى قارارلىق مەركەزلىك ئاشكارىلاش بولۇپ قالدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان مەسىلىلەر نىڭشيا، خۇنەن، جىلىن، يۈننەن قاتارلىق سەككىز ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) دا كۆرۈلگەن بولۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كۈتۈۋېلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما، ياردەم پۇلى تارقىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل قۇبۇل قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل تۈرلەرگە چېتىلىدۇ. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش «1-ماي»، «دۇەنۋۇ بايرىمى» مەزگىلىدىكى «تۆت ئىستىل» مەسىلىلىرىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنى توسۇشتا بىر قەدەر كۈچلۈك چۆچۈتۈش رولىغا ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ