مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك 3-يىغىنى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە باشلىنىدۇ

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2020.05.21 17:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك 3-يىغىنى 21-ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلىدۇ.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدا، يىغىنغا قاتناشقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك 2-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلايدۇ ۋە قاراپ چىقىدۇ.

  مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئېچىلىش مۇراسىمىدا ۋاڭ ياڭنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەرگەنلىكىنى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ؛ شىنخۇا تورى ئېچىلىش مۇراسىمىنى نەق مەيداندا سۈرەت ۋە يېزىق ئارقىلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ.

  21-ماي چۈشتىن كېيىن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى يىغىن ئېچىپ، ئۆمەك باشلىقى، مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقىنى سايلايدۇ؛ يىغىن ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسىنى قاراپ چىقىدۇ؛ يىغىننىڭ قارالما لايىھەسىنى قاراپ چىقىدۇ. 21-ماي كەچتە، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يىغىن ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپنى سايلاپ چىقىدۇ، يىغىننىڭ قارالما لايىھەسىنى ئاۋازغا قويىدۇ. تەييارلىق يىغىندىن كېيىن، يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 1-يىغىنى ئېچىلىدۇ. سائەت 21 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچىدۇ، يىغىن باياناتچىسى يىغىننىڭ قارالمىلىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئاممىۋى سەھىيە ۋە ساغلاملىقنى ئورتاق قوغداش ئۈچۈن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى توردا ۋىدىيو شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ