مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ قىلمىشى تەيۋەن بوغۇزى رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، دېدى

2020.05.21 17:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكا تەرەپنىڭ تەيۋەنگە چېتىشلىق ھەرىكىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى پومپىئو بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەن رايونىنىڭ رەھبىرى سەي يىڭۋېننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  تەيۋەن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. ئامېرىكىنىڭ قىلمىشى بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتى بەلگىلىمىسىگە ئېغىر خىلاپ بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلىشىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت، ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىپ، تەيۋەن بوغۇزى رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، بۇ ئىنتايىن ئېغىر خاتالىق، شۇنداقلا ئىنتايىن خەتەرلىك.

  تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ مىللىي ھېسسىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، ھەرقانداق سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بىز ھەرقانداق دۆلەتنىڭ تەيۋەن بىلەن ھەرقانداق شەكىلدە ھۆكۈمەت تەرەپ ئالاقىسى ۋە ھەربىي ئىشلار ئالاقىسى قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز. بىز ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق تەشكىلات، ھەرقانداق پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق شەكىلدە جۇڭگونىڭ ھەرقانداق بىر زېمىنىنى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقىرىۋېلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز!

  باشقىلارغا تايىنىپ ئۆزىنى ئۈستۈن كۆرسىتىشنىڭ چىقىش يولى يوق، تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش بىھۇدە ئاۋارىچىلىك. «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشى مىللىي ئادالەتكە زىت، چوقۇم تارىخنىڭ شەرمەندە تۈۋرۈكىگە مىخلىنىدۇ. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى سىرتقى كۈچنىڭ ئارىلىشىشى ۋە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ غەرىزىنى مەغلۇپ قىلىشقا مۇستەھكەم ئىرادىسى، تولۇپ تاشقان ئىشەنچى، تولۇق ئىقتىدارى بار، بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايدۇ، تەيۋەن بوغۇزى رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ