مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تويلۇق ئېغىر بولۇشنى ۋە تويدىكى چاكىنا ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق ناتوغرا خاھىشلارنى تۈزەشنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2020.05.21 17:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات بەرپا قىلىپ، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىنىڭ بەختلىك، ئائىلىسىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا «توي ئۆرپ-ئادىتى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتقان.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۆيلىنىشتىكى ئائىلە يېتەكچىلىكى مۇلازىمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتنىڭ بەختلىك، ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇنەۋۋەر جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى پائال تەشەببۇس قىلىدىغان ۋە ئومۇملاشتۇرىدىغان ئەنئەنىۋى توي مۇراسىمىنى نامايان قىلىپ، ئۈزلۈكسىز دەۋر مەزمۇنى ئاتا قىلىپ، ئىپادىلەش شەكلىنى بېيىتىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئەلا سۈپەتلىك ۋاسىتە بىلەن تەمىنلەش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى توي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئادىمىيەت روھى، ئەخلاق قائىدىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق تەربىيەلەش رولىنى كۈچەيتىپ، «ئېغىر كۈنلەردە بىرگە بولۇش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ۋە كۆيۈنۈش»تىن ئىبارەت ئۆيلىنىش ئىدىيەسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنىڭ قەلبنى مۇجەسسەملەش، ئاممىنى يېتەكلەش، ئاممىنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى ساپلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  تويلۇق ئېغىر بولۇش، چېكىدىن ئاشقان ئىسراپچىلىق، تويدىكى چاكىنا ئۆرپ-ئادەت، سوۋغاتلىق پۇلدا بەسلىشىش قاتارلىق ناتوغرا خاھىشلارنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھازىرقى زامان جەمئىيىتىنىڭ ئائىلە تەشكىلى، ئائىلە قۇرۇلمىسىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، ئاتا مېھرىبان، بالا ۋاپادار، ئەر-خوتۇن ئىناق، ئاكا-ئۇكىلار ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىدىغان، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەشنى ئاساس قىلغان ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار بولۇش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش قارىشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ