خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- كېڭىشىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 20- ماي كۈنى ئېچىلدى. يىغىن مەزگىلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋىدىئو شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاساسىي يىغىن مەيدانى خەلق سارىيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا، شۆبە يىغىن مەيدانى مېيدىيا ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق زالىدا تەسىس قىلىنغان. يىغىننىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گو ۋېيمىن ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەمدە جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ شۆبە يىغىن مەيدانىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
گو ۋېيمىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3- كېڭەش يىغىنى 21- ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە خەلق سارىيىدا ئېچىلىدۇ، 27- ماي چۈشتىن كېيىن يېپىلىدۇ، يىغىن ۋاقتى ئەسلىدىكى پىلاندىن تۆت يېرىم كۈن قىسقارتىلىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىن مەزگىلىدە، ئومۇمىي يىغىن ۋە گۇرۇپپا يىغىنى مۇناسىپ ھالدا قىسقارتىلىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىن ئېچىلىش يىغىنى، يېپىلىش يىغىنى ۋە ئىككى قېتىم يىغىندا سۆز قىلىشتەك كۈنتەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر قېتىملىقى ۋىدىئو يىغىن شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ يەنە ئالتە قېتىملىق گۇرۇپپا يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئېچىلىش يىغىنى ۋە يېپىلىش يىغىنىدا چەتئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى يىغىننى سىرتتىن ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ