مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇغۇچىلار تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە قاتناشقاندا N95 تىپلىق ماسكا تاقاشقا بولمايدۇ

2020.05.21 14:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى بېيجىڭ 21- ماي تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى پىكىر تارقىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى نورماللاشقان ئەھۋال ئاستىدىكى مەكتەپ تەنتەربىيە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

  پىكىردە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جايلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن ئۇنىۋېرسال تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشتىكى تەخىرسىز كەيپىياتى ۋە ئارزۇسىنى ھەل قىلىپ، دەرس مەزمۇنىنى تەسىس قىلىش ، ئوقۇتۇش پىلانىنى تەڭشەش، دەرسخانا تەشكىلىنىڭ ئۆزگىرىشى، مەيدان سايمانلىرى ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش، ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتلارغا بۆلۈپ پائالىيەت ئورينلاشتۇرۇش، جىددىي بىخەتەرلىك ۋە ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، تەنتەربىيە تەلىم-تەربىيەسىنىڭ ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى پائال ۋە پۇختا لايىھەلەش ھەمدە ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

  پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر كۈنى چوقۇم بىر سائەت چېنىقىشتىن ئىبارەت بۇ تەلەپنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، مەكتەپلەر چوقۇم تەنتەربىيە دەرسلىرىنى تولۇق ئېچىشى، شارائىتى تولۇق بولمىغان مەكتەپلەرمۇ چوقۇم ئۇلارنى ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت بۆلەكلىرىگە ئايرىپ تۇرۇپ، تەنتەربىيە دەرسلىرىنى چوقۇم ياخشى ئۆتۈشلىرى كېرەك. دەرس ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى شەخسىي تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە كۆپرەك قاتناشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئاز يېيىش، كۆپ قېتىم يېيىش»كە ئوخشاش تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى چوقۇم بىر سائەتتىن تەنتەربىيە چېنىقىشى قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تەنتەربىيە پائالىيىتىنى تالاغا ياكى ھاۋا ئالمىشىشى بىر قەدەر ياخشى بولغان تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلار ئارا ئادەتتە 1.5 مېتىر ئارىلىق ساقلاش، ياكى ئارىلىقتىكى مۇساپە ئارىلىقىنى ئەڭ كەڭ دەرىجىدە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۇچرىشىشنى ئازايتىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ N95 تىپلىق ماسكا تاقاپ تۇرۇپ تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا بولمايدۇ. تۆۋەن خەتەرلىك رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتناشقاندا ماسكا تاقىمىسىمۇ بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ