مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ما زۇڭباۋ: غەربىي رايوندىكى پىداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەشنى تېزلىتىشىنى قوللايمىز

2020.05.21 14:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى 21- ماي يىنچۈەندىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇزاق مۇددەتلىك قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات جەريانىدا، غەربىي رايوندىكى پېداگوگىكا مەكتەپلىرى دۆلەت ئۈچۈن تۆۋەنگە چۈشەلەيدىغان، تۇتۇپ قالغىلى ۋە ئىشلەتكىلى بولىدىغان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ بەردى، شۇ ئارقىلىق غەربىي رايوننىڭ ئاساسىي مائارىپىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، نىڭشيا پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى ما زۇڭباۋ مۇنداق تەكلىپ بەردى: دۆلەت غەربىي رايوندىكى پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقۇتقۇچىلارنى تېز يېتىشتۈرۈشىنى قوللايدۇ.

  ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، غەربىي رايوندىكى پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئىشى بولۇپمۇ يېزا-كەنتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تولۇقلاش ۋە سەرخىللاشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  ما زۇڭباۋ مۇنداق دەپ قارىدى: ھەممە ئادەمنىڭ تەربىيەلىنىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇش، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە، غەربىي رايوندىكى پېداگوگىكا تۈرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئۆزلىرىنىڭ تەڭداشسىز رولىنى جارى قىلدۇردى.

  لېكىن ما زۇڭباۋ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرى ۋە چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، غەربىي رايوندىكى پېداگوگىكا تۈرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسىي ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش، مەكتەپ باشقۇرۇش بايلىقى يېتەرلىك بولماسلىق، پەن ۋە كەسىپلەر كۈچلۈك بولماسلىق، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش قىيىن بولۇش، تۇتۇپ قالالماسلىق قاتارلىق قىيىنچىلىقلار ۋە مەسىلىلەرگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە دۇچ كەلدى. ئۇلارنى ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە مېدىتسىنا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، «قوش ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان» قۇرۇش سېپىگە كىرگەن ئاز ساندىكى پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدىن باشقا، غەربىي رايوندىكى باشقا پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدە تەرەققىيات قەدىمى ئاستا بولۇش، سېلىشتۇرما ئۈستۈنلۈكى كەمچىل بولۇش، مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلىش كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجۇت. بەزى پېداگوگىكا مەكتەپلىرى ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى زور دەرىجىدە تەڭشەشكە، غەيرىي پېداگوگىكا تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، ئوقۇتقۇچىلار مائارىپىنى ئاساسىي كەسىپلەرگە ئۈنۈملۈك مەركەزلەشتۈرۈش مۇمكىن بولمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ