گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ھەمدە ياسىمىچىلىق ۋە خەۋەرلىشىش كەسىپلىرىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

2020.05.21 14:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:5 - ئاينىڭ 20- كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مياۋ يۈ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، يۈرۈشنى نازارەت قىلىشنى ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ لىبىن، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، ئۇچۇر-ئالاقە تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋېن كۇ قاتارلىقلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ھەمدە كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، ياسىمىچىلىق ۋە خەۋەرلىشىش كەسىپلىرىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇشقا ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ