مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3- كېڭىشى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

2020.05.21 14:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20- ماي، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- كېڭىشىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، يىغىننىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گو ۋېيمىن جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. يىغىن مەزگىلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى توردا ۋىدىئو شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاساسىي يىغىن مەيدانى خەلق سارىيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا، شۆبە يىغىن مەيدانى بولسا مېيدىيادىكى ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق زالىدا تەسىس قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ