مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شياڭگاڭدا بىر ئەر ساقچى مەھكىمىسىگە بېنزىن بومبا تاشلاش قاتارلىق جىنايىتى بىلەن تۆت يىل تۆت ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2020.05.20 16:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى سوت مەھكىمىسى 19-ماي مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 25 ياشلىق بىر ئەر ۋەنزەي ساقچى باش ئىشتابى، پاۋمادى شۆبە ساقچى مەھكىمىسىگە بېنزىن بومبا تاشلاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن تۆت يىل تۆت ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

  دىلو ئەھۋالىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 6-ئايدا، بۇ جاۋابكار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ۋەنزەي ساقچى باش ئىشتابى، پاۋمادى شۆبە ساقچى مەھكىمىسىگە بېنزىن بومبا تاشلىغان، ئۇ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن يەنە ساقچى مەھكىمىسىدە ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بۇ جاۋابكار ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈش غەرىزىدە ئوت قويۇش، ساقچىلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش، زەھەر ساقلاش قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان.

  رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جاۋابكار ئىشلەتكەن بېنزىن بومبا ئىنتايىن خەتەرلىك قورال بولۇپ، ئوت يېقىپ ئېتىلغان ھامان، ئوت كۈچىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، پەرقسىز زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇنداق قىلمىشلارغا چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ، چۆچۈتۈش رولى پەيدا قىلىش ئۈچۈن، ئۇزاق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىش زۆرۈر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ