مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2019-يىللىق «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نىڭ مىقدارلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچى ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ئېلان قىلىندى

2020.05.20 16:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا، گوۋۇيۈەن 5-ئاينىڭ 19-كۈنى 2019-يىللىق «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نىڭ مىقدارلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچى ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى جەدۋىلىنى ئېلان قىلدى، 38 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ ۋەزىپىسى تاماملاندى.

  دوكلاتتا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %6.5 __ %6 ئۆستۈرۈش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئەمەلىي «نەتىجە قەغىزى»دە كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 99 تىرىليون 86 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %6.1 ئېشىپ، يىللىق كۆزلىمە نىشانغا ئۇيغۇن كەلگەن.

  دوكلاتتا 2019-يىلى شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى 11 مىليوندىن ئاشۇرۇپ، شەھەر-بازارلارنىڭ تىزىمدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5 ئىچىدە كونترول قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 13 مىليون 520 مىڭغا يېتىپ، شەھەر-بازارلارنىڭ تىزىمدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %3.62 بولۇپ، يىللىق نىشان تاماملانغان.

  باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە، دوكلاتتا 2019-يىلى كارخانىلارنىڭ باج كىرىمى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش يۈكىنى 2 تىرىليون يۈەنگە يېقىن يېنىكلىتىپ، ياسىمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان باج نىسبىتىنى %16تىن %13كە تۆۋەنلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇلتۇر پۈتۈن يىلدا باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلەتكەن سومما 2 تىرىليون 300 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ياسىمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان باج نىسبىتى %16تىن %13كە تۆۋەنلىتىلگەن.

  خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە، دوكلاتتا 2019-يىلى يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى 10 مىليوندىن كۆپرەك ئازايتىش، 200 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ياساش، ئۆزگەرتىش، كۆچمە تور ئېقىم مىقدارىنىڭ ئوتتۇرىچە ھەققىنى يەنە %20تىن ئارتۇق تۆۋەنلىتىش بېكىتىلگەنىدى. ئاخىرىدا، بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىدىن 11 مىليون 90 مىڭى ئازىيىپ، 290 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولى يېڭىدىن ياسىلىپ، ئۆزگەرتىلىپ، كۆچمە تور ئېقىم مىقدارىنىڭ ئوتتۇرىچە ھەققى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %41 تۆۋەنلىتىلگەن.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت جەھەتتە، دوكلاتتا 2019-يىلى گۈڭگۈرت Ⅳ ئوكسىدى، ئازوت ئوكسىدى چىقىرىش مىقدارىنى %3 تۆۋەنلىتىش، خىمىيە ئېھتىياجلىق ئوكسىگېن مىقدارى ۋە ئاممىياكلىق ئازوت چىقىرىش مىقدارىنى %2 ئازايتىش بېكىتىلگەنىدى. ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە گۈڭگۈرت Ⅳ ئوكسىدى، ئازوت ئوكسىدى چىقىرىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %4.4 ۋە %3.5 تۆۋەنلىتىلگەن، خىمىيە ئېھتىياجلىق ئوكسىگېن مىقدارى ۋە ئاممىياكلىق ئازوت چىقىرىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %3.2 ۋە %3.3 تۆۋەنلىتىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ