مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

95% ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى

نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشتە مىقداردىن سۈپەتكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

2020.05.20 16:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىلى، مەملىكەت بويىچە يەتتە ئۆلكە، 69 ناھىيە (شەھەر، رايون) مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىش باھالاپ بېكىتىشىدىن ئۆتتى. ھازىر، مەملىكەت بويىچە 2767 ناھىيە (شەھەر، رايون) دۆلەتنىڭ بېكىتىشىدىن ئۆتۈپ، %95.32نى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، شەرقىي قىسىمدىكى 890 ناھىيەنىڭ ھەممىسى بېكىتىشتىن ئۆتتى، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى بېكىتىشتىن ئۆتكەن ناھىيەلەر ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ناھىيە ئومۇمىي سانىنىڭ %93.24ىنى ئىگىلىدى. 2019-يىلى، يەتتە ئۆلكىدىكى ناھىيە تەۋەسىدە مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تەكشى تەرەققىي قىلىشى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھازىر جەمئىي 23 ئۆلكىگە يەتتى.

  نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى. 2019-يىلى، دۆلەت ناھىيە تەۋەسىدە مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىش بويىچە باھالاپ بېكىتىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ يەتتىنچى يىلى. دۆلەتنىڭ بېكىتىشىدىن ئۆتمىگەن ناھىيەلەر ئاساسلىقى نامرات، چەت، يىراق جايلارغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئاساسى ناچار، كاپالىتى ئاجىز جايلار.

  «مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما.» گوۋۇيۈەن مائارىپ نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تيەن زۇيىن مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان يەتتە ئۆلكىدە دۆلەت نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىش بويىچە باھالاپ بېكىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت مائارىپ مۇپەتتىشى ۋە مۇتەخەسسىستىن 181 ئادەم قېتىم نازارەتچىلىك- يېتەكچىلىك قىلىش تەكشۈرۈشىگە قاتنىشىپ، 388 مەكتەپنى ئىختىيارىي تەكشۈرۈپ، 17 مىڭ كىشى توردا رازىلىق دەرىجىسىنى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىپ، تۈرلۈك مەسىلىدىن 204ى بايقىدى.

  «نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە، جايلار مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمگە ئېرىشتى»، دېدى تيەن زۇيىن، ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 69 ناھىيە (شەھەر، رايون) يېقىندا جەمئىي 34 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتىپىدىن 307نى سالغان، 3919غا يېقىن مەكتەپنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتكەن، 390 مىڭ ئىلمىي ئۇنۋان كۆپەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 69 ناھىيە (شەھەر، رايون) يېڭىدىن 30 مىڭ ئوقۇتقۇچى تولۇقلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئەت، ئىلىم-پەن، ئۇچۇر-تېخنىكا قاتارلىق پەن ئوقۇتقۇچىسىدىن 6000ى بولۇپ، يېڭى تولۇقلانغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ %20نى ئىگىلىگەن؛ ئالماشتۇرۇشقا قاتناشقان مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار 49 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

  ھازىر مەملىكەت بويىچە يەنە 136 ناھىيە دۆلەتنىڭ بېكىتىشىدىن ئۆتمىدى، ئۇلار ئىچكى موڭغۇل، خېنەن، خۇنەن، گۇاڭشى، سىچۈەن، شىزاڭ، گەنسۇ، چىڭخەي، شىنجاڭدىن ئىبارەت توققۇز ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)غا تارقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ناھىيەدىن 44ى بولۇپ، 24ى تېخى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىمىغان. «2019-يىلى 107 ناھىيە ئۆلكە دەرىجىلىك باھالاپ بېكىتىشتىن ئۆتتى، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ناھىيەلەرنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك باھالاپ بېكىتىشتىن ئۆتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى»، دېدى تيەن زۇيىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ